LYRICS
作词 : Muhammatjan Raxidin
作曲 : Kurbanjan abduqadir
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ
ئامرىغىم خېتىڭنى باغدا يازغانمۇ
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ
ئامرىغىم خېتىڭنى باغدا يازغانمۇ
تاڭ سەھەر بۇلبۇلدەك تەلمۈرۈپ ياكى
قىزىل گۈل ئېچىلغان چاغدا يازغانمۇ
تاڭ سەھەر بۇلبۇلدەك تەلمۈرۈپ ياكى
قىزىل گۈل ئېچىلغان چاغدا يازغانمۇ
♪ ♪
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ
قولۇڭدا قىزىل گۈل بارمىدى ياكى
كەلمەستىن شۇنداق خەت يېزىپ تۇرساڭمۇ
كۈتەرمەن بىر ئۆمۈر ئۆلگۈچە تاكى
كەلمەستىن ئاشۇنداق خەت يېزىپ تۇرساڭمۇ
كۈتۈمەن بىر ئۆمۈر ئۆلگۈچە تاكى
♪ ♪
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ
ئايلىنىپ كەتتىڭمۇ سەن قىزىل گۈلگە
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ
ئايلىنىپ كەتتىڭمۇ سەن قىزىل گۈلگە
يېزىپ تۇر مۇھەببەت دۇنياسى ئۈچۈن
سېنىڭسىز بۇ ئالەم ئايلىنار چۆلگە
يېزىپ تۇر مۇھەببەت دۇنياسى ئۈچۈن
سېنىڭسىز بۇ ئالەم ئايلىنار چۆلگە
سېنىڭسىز بۇ ئالەم ئايلىنار چۆلگە
♪ ♪