作词 : Halikning
作曲 : Sanubar Tursun
«ۋەدەم بىلەن»
سەنۇبەر تۇرسۇن
سۆزى : خەلقنىڭ
مۇزىكىسى : سەنۇبەر تۇرسۇن
ئاق تىكەن گۈر-گۈر كۆيەردۇر
كۆك تىكەنگە چارە يوق
دەردى بار ئوتتا كۆيەردۇر
دەردى يوقنىڭ كارى يوق
ئاق تىكەندىن شىكەر ئالدىم
كۆك تىكەندىن لەيلىگۈل
سەن يارىڭگە ئالما بەرسەڭ
مەن يارىمگە دەستىگۈل
∮ مۇزىكا ∮
دەستىگۈلنى يارغا بەردىم
غۇنچىسى-بەرگى بىلەن
سەن تېخى نادان ئىكەنسەن
مەن يەنە ۋەدەم بىلەن