作词 : AlimjanAbdujilil
作曲 : AlimjanAbdujilil
编曲 : AlimjanAbdujilil
«ئىسكەندەر سەمەت»
چۈشمەكتە قار لەپ لەپ قىلىپ
ئەڭ ئاخىرقى دېكابىردا
قار گۈلىنى ئوينار شامال
چىراغلارنىڭ ئەتراپىدا
ھەشەمەتلىك بىنالاردا
ئاڭلانماقتا شوق كۈي ناۋا
كىملەر ئىسسىق ئۆيلەرىدە
كىملەر قالدى سوغوق تالادا
Music...
شۇ كىچىدە قۇش بالىسى
ئىزدىمەكتە ئىسسىق ئۇۋا
كۆركەم گۈزەل قار گۈلىنى
ياپتى لىباس كەڭ جاھانغا
ئۇخلاپ قالدى يەرشارىمۇ
ئاق چېچەكلەر ئاراسىدا