作词:Muhemmetjan Rashidin
作曲:Elham-Muhemmed
قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم
قايدىن تاپالايمەن سېنى
سورىسا ھۆسنۈڭنى ئەل
ئاي دەپ جاكارلايمەن سېنى
قايغۇدا قالدى بۇ بېشىم
قانچە يامغۇر توختىدى
توختاي دېمەيدۇ كۆز يېشىم
قاشىڭنى قىلساڭچۇ قارا
ئايدا-يىلدا كەلمىسەڭ
بولمامدۇ باغرىم يارا