
作词 : Muhammat
作曲 : Keram Abbas
编曲 : Keram Abbas
ئەرلەرنىڭمۇ دەردى بار تاغدەك
لىكىن دەرتكە يىغلاپ يۈرمەيدۇ
ئۆرتەنسىمۇ قەلبى ھەسرەتتە
بىراۋلاردىن قاھشاپ يۈرمەيدۇ
مۆلدۈر سوققان جەسۇر چوققا
شىۋىرغاندىن زارلاپ قۇقمايدۇ
يۈكسەك بىلگەچ غۇرۇرىنى
ئۆز نامىنى بۇلغاپ يۈرمەيدۇ
مەشۇغىدىن كۆڭلى سۇ ئېچسە
باشقا گۈلنى تاللاپ يۈرمەيدۇ
تىل نەشتىرى تەگسىمۇ دىلغا
ئاشىغىم دەپ پىسەنت قىلمايدۇ
ئائىلەم دەپ چەككەن جاپاغا
قاخشىمايدۇ پەرياد ئۇرمايدۇ
ئەنە شۇنداق جەسۇر ئوغلان
قاراپ باقساڭ بىزگە ئوخشايدۇ