
作词 : gheni Semet
作曲 : eliaqsopa
编曲 : Muratjan Muhter
يەتمىدىم
تەرجىمان: ئەزھەرجان مەھمۇد
ھەسرەتلەر ياغىدۇ كۆڭۈل تارىمدىن
دەريالار كۆيىدۇ ئاھ پىغانىمدىن
سەن كەتسەڭ مەن كەتتىم ئەسۇ- يادىمدىن
ۋىسال دەپ يېغلىدىم لىكىن يەتمىدىم
سەن كەتسەڭ مەن كەتتىم يۈرەك- باغرىمدىن
ۋىسال دەپ يېغلىدىم لىكىن يەتمىدىم
مۇزىــــكا
ئۈزۈلمەي توزىغان ناتىۋان گۈللەر
سەرگەردان شامالغا دەردىمنى سۆزلەر
ھېجراندىن قۇرىدى شۇ ئاشىق چۆللەر
ۋىسال دەپ زارلىدىم لىكىن يەتمىدىم
ھېجراندىن قۇرىدى شۇ ئاشىق چۆللەر
ۋىسال دەپ زارلىدىم لىكىن يەتمىدىم
مۇزىــــكا
بىر قىزنى كۆيدۈرۈش ئاسانمۇ شۇنچە
پىراقتا قالدۇرۇش ئاسانمۇ شۇنچە
ۋىسالغا يەتكۈزۈش يامانمۇ شۇنچە
ۋىسال دەپ كۈيلىدىم لىكىن يەتمىدىم
ۋىسالغا يەتكۈزۈش يامانمۇ شۇنچە
ۋىسال دەپ كۈيلىدىم لىكىن يەتمىدىم
سەن ئالدىڭ بەرمىدىڭ سۆيگۈ نۇرىنى
ئايدىڭمۇ قاراڭغۇ ماڭا ھەر تۈنى
پىراقىم تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم
پىراقىم تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم
پىراقىم تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم