![jup kvzlardin[gittar]](https://p2.music.126.net/6zcF6p2yWiztwA0zFFoV0w==/17963820974795092.jpg)
تېكست كىرگۈزگۈچى
ئابدۇسالام (باشقۇت)
جۈپ كۆزلەردىن
ياشلىرىڭنى تامچىتىپ
ئەپۇ سوراپ كەپسەن بۈگۈن ئالدىمغا
جۈپ كۆزلەردىن
ياشلىرىڭنى تامچىتىپ
ئەپۇ سوراپ كەپسەن بۈگۈن ئالدىمغا
كۆڭۈل بەرسەم
قىلغانلىرىڭ ئازمىدى
ئاتاپ ئوتلۇق يۈرىكىڭنى باشقىغا
كۆڭۈل بەرسەم
قىلغانلىرىڭ ئازمىدى
ئاتاپ ئوتلۇق يۈرىكىڭنى باشقىغا
سەن يارامسىز
دېگەن ئاچچىق سۆزلىرىڭ
بولۇپ قالغان بۇ كۆڭلۈمگە دىل يارا
سەن يارامسىز
دېگەن ئاچچىق سۆزلىرىڭ
بولۇپ قالغان بۇ كۆڭلۈمگە دىل يارا
ياراملىقكەن
مەندىن تېنىپ سۆيگىنىڭ
يەنە نېمە كەلدىڭ مېنىڭ يېنىمغا
ياراملىقكەن
مەندىن تېنىپ سۆيگىنىڭ
يەنە نېمە كەلدىڭ مېنىڭ يېنىمغا
ئەمدى كەتكىن
مەندىن ئاستا يېراقلاپ
ئازار بەرمە، قايتا مېنىڭ دىلىمغا
ئەمدى كەتكىن
مەندىن ئاستا يېراقلاپ
ئازار بەرمە، قايتا مېنىڭ دىلىمغا
پۇشايماندا
ئاققۇزغان شۇ ياشلىرىڭ
تەڭلىشەلمەس بەرگەن ئازارلىرىڭغا
پۇشايماندا
ئاققۇزغان شۇ ياشلىرىڭ
تەڭلىشەلمەس بەرگەن ئازارلىرىڭغا