编曲 : 编曲王
مەن قولۇڭدىن تاشلانغان بىر گۈل .
مەن كۆزلىرى ياشلانغان بىر گۈل
مەن يۈرىكى يارىلانغان بىر گۈل
سەن يۈرەكتىن قوغلىغان بىر گۈل .
مەن شاۋقۇنسىز دېڭىزدەك بىر گۈل ،
مەن روھى يوق سۆيگۈسىز بىر گۈل
مەن جۈپتى يوق قۇش كەبى بىر گۈل ،
سەن ئازابلاپ قۇرۇتقان بىر گۈل .
مەن يۈرىكى قان ، زەرداب بىر گۈل ،
مەن بەخىتسىز قۇرغان بىر گۈل ،
مەن يوللارغا تەلمۈرگەن بىر گۈل ،
سەن بىر ئۆمۈر خارلىغان بىر گۈل .