作词 : Mamateli-Jumahun
作曲 : Mamateli-Jumahun
编曲 : Mamateli-Jumahun
كەتسەڭ مەيلى چىدايمەن لېكىن
ئىزدەپ كەلمە ئۇزاقتىن كېيىن
قايغۇ بولسۇن ياكى خۇشاللىق
قالماس ئەستە ئۇزاقتىن كىيىن
قىلغان ئىشىڭ توغرىمۇ خاتا
دە دېمەيمەن بىلگۈم بولسىمۇ
ئېگىز ئۇچقان ئاشۇ تورنىمۇ
قونار يەرگە ئۇزاقتىن كېيىن
كىرپىكلىرىم بولماس زادى نەم
كۈنلىرىمدىن ئېلىپ ھوزۇر تەم
ماڭا ئوخشاش باشقىلارمۇ ھەم
ئۆتمەس غەمدە ئۇزاقتىن كېيىن
سېغىنمايمەن دېسەڭمۇ سېغىن
پەرۋايىم يوق ئېچىنساڭ ئېچىن
مۇمكىن ئەمەس بولۇشمۇ يېقىن
مۇھەببەتتە ئۇزاقتىن كېيىن