编曲 : zafur offece
ھاردىڭلارمۇ چارچىدىڭلارمۇ
دەردى يوقلار جاھاندا بارمۇ
ھەممىمىزنىڭ بېشىدا تۇرمۇش
ئاسان ئەمەس غېمىمىز ئازمۇ
ئەتسى يوق بولگۇنى تاپساق
بىرسى ئىككى بولمىدى ياتساق
ئېغىر تىنىپ نە ئامال ھارساق
چاندۈرىمدۇق غېمىمىز ئازمۇ
دەردىمىزنى ئۆزىمىز بىلدۇق
يىغلىغاندىن ياخشىكەن كۈلدۈق
كۆنىمگەنگە ئامال يوق كۆندۇق
تۇرمۇش دىدۇق غېمىمىز ئازمۇ
ھايات قىسقا يول ئەگىر بۈگۈر
كۈرەلەيمىز قانچىلىك ئۆمۈر
ئۇتۇن تاپساق تۈگەيكەن كۈمۈر
ھەممىمىزنىڭ غېمىمىز ئازمۇ