
作词 : Parhat Hasan
作曲 : Parhat Hasan
编曲 : Parhat Hasan
ناخشا تارقاتقۇچى ئورگان : Abdusalam Monyaz
ئاپپاق قارنىڭ ئۈستىگە ،
يازدىم سىنى سۆيدۈم دەپ
تىزدىم ساڭا گۈلدەستە
يارىم سىنى مەن ئەسلەپ
ئىزلىدىم سىنى ھەريان ،
تاپالمىدىم مەن پەقەت
نىچۈن قىيناپ مىنى سەن ، يۈردۈڭغۇ شۇ مۇھەببەت
تەشنالىق بىلەن كۈتتۈم ،
سېنىڭ يۇلۇڭنى نىگار
مەن سىنى ئويلاپ يۈردۈم ،
بىر كېلەمسەنكىن دەپ يار
كەلمىسەڭ ئەگەردە سەن ، رەنجىمەيمەن مەن بۈگۈن
بېغىمدىن گۈل تەرمىسەم ،
كېلىسەن يەنە بىر كۈن
سىنى چىن سۆيگەچ گۈزەل ،
ھايات ئىلھامىم سەندۇر
ماڭا باق سەن بىر مەھەل ،
مىنىڭ كۆڭلۈم ئەي غەمدۇر
چۈشەنمەيسەن سىرىمنى ،
سەنسىز ئۆمرۈم تەس ئىكەن
بەرسەم ساڭا ۋەدەمنى ،
مەڭگۈ بولاي سەن بىلەن