
作曲 : Nurmamat Mijit
编曲 : Kasimjan
ئۇنتۇپ كىتەلمەي
作词 Abdulla Mahat
作曲 NurMamat Mijit
编曲 Kasimjan
混音 Abduwali parhat
母带处理 Abduwali Parhat
تارقىتىش :ئابدۇكېرەم ئەمەت (يىڭسار خىڭتەن مەدەنىيەت تارقىتىش ئىشخانىسى )
سەن بىلەن يار بىللە ئۆتەلمەي،
ياكى سەندىن ئۈمىد ئۆزەلمەي.
ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتۈپ كىتەرمۇ،
گۈلۈم سېنى ئۇنتۇپ كىتەلمەي.
ئاشۇ خۇما بىرجۈپ كۆزۈڭنى،
بال ھەسەلدەك تاتلىق سۆزۈڭنى،
مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ ئۆزۈڭنى،
يۈرەرمەنمۇ ئۇنتۇپ كىتەلمەي.
بىر ئارام يوق يۈرىكىمگىمۇ،
كىرىۋالدىڭ چۈشلىرىمگىمۇ،
يىغلاپ باراي ئەمدى كىمگىمۇ،
گۈلۈم سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمەي.
سەن بىلەن تەڭ كۈلكەم يوقالدى،
ھەسرەت مېنى قوينىغا ئالدى،
چىقمىغان شۇ جېنىمدا قالدى،
گۈلۈم سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمەي.