作词 : Tusunjan-Kasim
作曲 : Anwar Maglik
编曲 : Abdusalam-Abdurxit
بەرگەن ۋەدە قەسەملىرىڭگە
چىداپ كەلدىم ئەلەملىرىڭگە
دەسسىتىپسەن سەنەملىرىڭگە
ئەمدى ساڭا كۆڭلۈم قالمىدى
بۇ جېنىمغا ساپتىمەن جاپا
سىنى سۆيۈپ قىلدىممۇ خاتا
قىلىپ قويدۇڭ ئورۇنسىز خاپا
بولدى ساڭا كۆڭلۈم قالمىدى
كەچۈرگىن دەپ ئىزدىمە مىنى
ئەمدى قايتا كۆرگۈم يوق سىنى
ياتلار سىنى تاشلىغان كۈنى
سۆيگىن دىمەكۆڭلۈم قالمىدى
قەدىرلىسەم بىلمىگەن ئۆزۈڭ
سۆيەلمىدىڭ كور ئىكەن كۆزۈڭ
بولسىمۇ گەر دەيدىغان سۆزۈڭ
ئاڭلىغۇم يوق كۆڭلۈم قالمىدى