
作词 : Uyghur Uyghur
作曲 : Eldar Emin
كۆيۈش كېرەك ئوتقا ئوت بولۇپ
ھىجراندا يەنە كۆيمەيمىز
جىن چىراغدەك كۆيگەن ئوتلارنى
ھەۋەس دەيمىز ئىشقى دىمەيمىز
جىن چىراغدەك كۆيگەن ئوتلارنى
ھەۋەس دەيمىز ئىشقى دىمەيمىز
مۇزىكا MUSIC
قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى
باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن
قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى
باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن
ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكتىن
بىر كۈنلىرى ئازاپ چەكمىسۇن
ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكتىن
بىر كۈنلىرى ئازاپ چەكمىسۇن
مۇزىكا Music
كۆيۈش كېرەك زورىغا كۆيمەي
تىلەكلەرگە يەتكەن چېغىدا
كۆيۈش كېرەك زورىغا كۆيمەي
تىلەكلەرگە يەتكەن چېغىدا
جانغا زۇلۇم پۇشايمان ھەسرەت
ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا
جانغا زۇلۇم پۇشايمان ھەسرەت
ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا
مۇزىكا Music
تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا
زۆرۈر ھەتتا ئىسسىق قان بېرىش
تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا
زۆرۈر ھەتتا ئىسسىق قان بېرىش
مۈشكۈللەرنىڭ قېيىن مۈشكىلى
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش
مۈشكۈللەرنىڭ قېيىن مۈشكىلى
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش