
作词 : 民间
作曲 : 民间
编曲 : Kaysar Samat
ئۈنۈم:ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمە:ياقۇپجان يۈسۈپ
ئالمىخان كىيىپتۇ كۆينەك
يېڭى چىققان باسمىدىن
ئالمىخاننىڭ كويىدا
بىلىمنى باغلاي تاسمىدىن
ۋاي -ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
قايسى باغنىڭ گۈلىسەنەي
ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
يېڭى باغنىڭ گۈلىسەنەي
مۇزىكا
ئالمىخاننىڭ ئانىسى
خويمۇ قىلدى نەسىھەت
ئالمىخاننى بىرنى سۆيسە
شېرىن جانغا خاسىيەت
ۋاي -ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
قايسى باغنىڭ گۈلىسەنەي
ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
يېڭى باغنىڭ گۈلىسەنەي
مۇزىكا
ئالمىخانلا تاغقا چىقتى
ئاتلىرىنى تاقىلاپ
بالىلىرى ئۆيدە قالدى
مۇرجۇغىنى تاتىلاپ
ۋاي -ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
قايسى باغنىڭ گۈلىسەنەي
ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
يېڭى باغنىڭ گۈلىسەنەي
مۇزىكا
ئەسكى تامنىڭ تۈۋىنى
ئوردام دىگەن ئالمىخان
لەۋلىرىگە سۆيۈپ قويسام
غوجام دىگەن ئالمىخان
ۋاي -ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
قايسى باغنىڭ گۈلىسەنەي
ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخانەي
يېڭى باغنىڭ گۈلىسەنەي