
作词 : Abdulla-Offisal
作曲 : Abdulla-Offisal
编曲 : Abdulla-Offisal
ئاق لالە
(تېكىسى مۇزىكىسى، ئۆزلەشتۈرۈلگەن)
تاغدىن چۈشكەن ئاق لالە،
ئەسلىدە بىر گۈل لالە.
مەندىن قاچما، ئۇ يالە،
كەل كەل جانىم قىز بالا.
قاچما قاچما سەن قاچما،
كەل كەل جانىم قىز بالا.
قاچمىغىنە يەنە قاچمىغىنە،
كەل كەل جانىم قىز بالا.
مەندىن قاچما، ئۇ يالە،
كەل كەل جانىم قىز بالا.
ئاق لالە جېنىم ئاق لالە،
ماڭا بىردەم باق لالە.
قانمىدىم جامالىڭغا،
يەنە بىردەم باق لالە.
قاچما قاچما سەن قاچما،
كەل كەل جانىم قىز بالا.
ھەي قاچمىغىنە يەنە قاچمىغىنە،
كەل كەل جانىم قىز بالا.
ئۈرۈمچىنىڭ يولىغا،
جىرىم قويدۇم بويىغا،
ئىشقۇتى سېلىپ قويدۇم،
قارا قاشنىڭ كويىغا.
قارا، قارا قاشلىرىڭ،
قارا سۇمبۇل چاچلىرىڭ،
دىل ئارامىم يارىم سەن،
كۆڭلۈمدىكى شادلىقىم.
ئاچا، جېنىم ئاچا،
جېنىم ما مايسا چا.
مېنى بېقىۋالساڭچۇ ئاچا.
ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭگە،
شاخ قىلىۋالساڭچۇ ئاچا.
سېنىڭ ھويلاڭدىكى سۆگەت،
مېنىڭ ھويلامغا ئەگىيدۇ؟
ساڭا كۆيگەن بۇ يۈرەك،
قانداق قىلسام سەگىيدۇ؟
قارا، قارا قاشلىرىڭ،
قارا سۇمبۇل چاچلىرىڭ.
دىل ئارامىم يارىم سەن،
كۆڭلۈمدىكى شادلىقىم.
---