
作词 : 瓦哈普Whp.
作曲 : 瓦哈普Whp.
编曲 : 瓦哈普Whp.
يېرىم كېچە ئۆزۈم يالغۇز مۇڭدىشىپ مەن ھاراق بىلەن
شۇندا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى كۆپ سورىما ساناپ بېرەي
ھال كۈنلىرىڭ قانداق دېمە ئۇدۇل ماڭا شاراپ بېرە
بىر قەدەھنى كۆتۈرۈۋېتىپ سوئالىڭغا جاۋاب بېرەي
ھەممە ئىشلار ياخشى بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ھېساپ
دەپ ئۆتكۈزۈپ يىل ئاي كۈننى كۈندۈز خۇشال كەچتە يىغلاپ
دەرت تۆكمەيمەن ھېچكىمگە مەن ئىچىمگە يۇتۇپ ھەممىنى
بىر جۈپ ئاشىق لېكىن سەنەم بىلەمتى غېرىپ دەردىنى
شۇنداق مەن ئۆزگەردىم ھەممە ئىشقا بەرىبىر دەپ
بىر قەدەھنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇڭدىشايلى يەرنى بىردەم
تۇرمۇشۇمغا كىرگەنلەر بار، كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس
ھەيران ئەمەس، ھېچقايسىغا تۇرمۇش مۇڭلۇق ساز ئەمەس
مەيلى دەيمەن ھەممىگە مەن تۇتىۋالمايمەن كەتكەننى راس مەن ئۆزگەردىم، لېكىن ئۇنتۇمايمەن ئەپتىمنى
دەردلىرىمنى ئۆزۈم بىلىپ ئۆزۈم يىغلاپ ئۆزۈم كۈلۈپ.
سۇنغان كۆڭۈلگە داۋا يوق، مەن قەھرىتاندا ئىزدەپ يۈرۈپ
. دوستلۇق سۆيگۈ، مېھىر مۇھەببەتتىن يىراق ئىكەنمەن.
قەھرىستاندا جۇدۇن سوغۇق، ئۆچمەيدىغان چىراغ ئىكەنمەن.
سۆزلىمەسمۇ بولدۇم ئارتۇق خەق تۇرمۇشقا قىزىقمايمەن.
دوست دەپ يۈرۈپ قالسۇندۇم مەن قىلغىنىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
سەنمۇ مەندىن رەنجىمە تۇرمۇش ھېچكىمنىڭ ئوخشىمايدۇ.
پەقەت ئاتا ئانامدىن باشقا، ھېچكىم مەن ئۈچۈن
ئويلىمايدۇ.
يېزىپ قويىمەن كۆڭلۈمدىكىنى رومكا ئالدىدا دەپتەرگە.
بۇ ناخشا بىلەن خاتىمە بېرەي قايتمىغان شۇ خەتلەرگە.
ئۆچۈپ كەتتى، كۆڭلۈمدىن، دوست ۋە سۆيگۈ ھەممىسى.
كۆڭۈل دىن سۇ ئىچەر كۆڭۈل، بۇ كۈن ماڭا تېخى كەلمىدى.
تىلىم ئاجىز، كەلدى ئىنسانغا كۆڭلۈمدىكىنى دېيەلمىدى
ئاغىنە، دوست بۇرادەرلەر مېنى قانچە پەملىدى؟
باشتىن ئۆتتى نۇرغۇن كۈن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆتكۈزدۈم.
غەم باسقان شۇ چىراي بىلەن يىل، ئاي كۈننى كەتكۈزدۈم.
ئويلاپ قالىمەن قايتا ياشاپ باقسام يەنە بىر.
بۇ قېتىم چوقۇم نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ بەرىبىر
نېمىشقا دەپ سورىما سەن مەن كۆرگەننى كۆرمىدوڭ؟
يېقىنلىرىمنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەستى يالغۇز يۈرگىنىم.
ئۇنتۇپ كەتسەم دەيمەن ھەممىنى ئۆزۈم يالغۇز ياشاپ باقسام.
يىراقلىشىپ، مەن بارچىدىن تۇرمۇشنى قايتىدىن باشلاپ باقسام.
رايىم ياندى بارچىدىن ۋاپا كېلىدۇ قانچىدىن.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ ئۆزۈمنى ئالدىدىم.
ئويلاپ قالدىم گۈل ئېچىلماي كەلگەن باھارمۇ قىشقا تەڭ.
نۇرغۇنلىرىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە پۈۋلىگەن شۇ ئىسقا تەڭ
. سەنمۇ مەندىن رەنجىمە تۇرمۇش ھېچكىمنىڭ ئوخشىمايدۇ.
پەقەت ئاتا ئانامدىن باشقا، ھېچكىم مەن ئۈچۈن
ئويلىمايدۇ.
يېزىپ قويىمەن كۆڭلۈمدىكىنى رومكا ئالدىدا دەپتەرگە.
بۇ ناخشا بىلەن خاتىمە بېرەي قايتمىغان شۇ خەتلەرگە.