作词 : Muhtar Bughra/Askar Muhtar
作曲 : Askar Muhtar
ئەسرا
سۆزىمىزنى ئۇدۇل دەپ
ئەسرالىشىپ ئۆتەيلى
تىلىمىزنى بۇلبۇل دەپ
گۈل تۈۋىگە گۈل سۈيى
تۆكۈلسۇن دەپ ئۆتەيلى
يامان يارغا يار قەدرى
ئۆتۈلسۇن دەپ ئۆتەيلى
قاراقاشتىن سۈزۈلگەن
قاشتىشى دەپ ئۆتەيلى
كۆكتىن ئاققان يۇلتۇزنى
كۆز يېشى دەپ ئۆتەيلى
بىر تامچىلا مىھىرنى
دەرياچە دەپ ئۆتەيلى
يۈرەكلەرگە ئىنتىلگەن
يۈرەكلەرنى كۈتەيلى