
作曲 : Keramjan MamatEli
编曲 : Keramjan MamatEli
قارۋەئەسلىمە
قار يېغىپ ئويغاندى شۇئان
سەن قالدۇرغان ئەشۇ ئەسلىمە.
قار ئاستىغا كۆمۇلدى جاھان
كۆمۈلمىدى ھەسرىتىم يەنە.
تۇنجى قارنىڭ گۇۋاھلىقىدا
قەدەم ئالغان تۇنجى سۆيگۈمىز
قار پەسلىنىڭ خۇشاللىقىدا
ئۆتكەن ئىدى ھەربىر كۈنىمىز.
شۇ كۈنلەرنى يادىمغا ئالسام
يۈرگۈم كېلەر قارلىق يوللاردا
شۇ ئاق قارغا ئىسمىڭنى يازسام
قايتارمۇ دەپ ۋاقىت ئارقىغا
شۇ كۈنلەرنى يادىمغا ئالسام
يۈرگۈم كېلەر قارلىق يوللاردا
شۇ ئاق قارغا ئىسمىڭنى يازسام
قايتارمۇ دەپ ۋاقىت ئارقىغا
توختىماستىن يېغىۋەرگەن قار
كۆمىۋەتسۇن ئىسمىڭنى تامام
شۇ ئۆتمۈشنى سېغىنىپ تەكرار
بولمىدى ھېچ كۆڭلۈمگە ئارام
شۇ ئۆتمۈشنى سېغىنىپ تەكرار
بولمىدى ھېچ كۆڭلۈمگە ئارام
شۇ كۈنلەرنى يادىمغا ئالسام
يۈرگۈم كېلەر قارلىق يوللاردا
شۇ ئاق قارغا ئىسمىڭنى يازسام
قايتارمۇ دەپ ۋاقىت ئارقىغا
شۇ كۈنلەرنى يادىمغا ئالسام
يۈرگۈم كېلەر قارلىق يوللاردا
شۇ ئاق قارغا ئىسمىڭنى يازسام
قايتارمۇ دەپ ۋاقىت ئارقىغا