
作词 : Dilkat Xawkat
编曲 : Dilyar Wahap
قالمىدى
دىلقەت شاۋكەت
ۋەسلىڭ ئىزلەپ مەن بارمىغان باغلار قالمىدى،
ئېغىر تىنىپ مەن باقمىغان تاغلار قالمىدى.
جامالىڭنى شاماللاردىن سورىدىم نەچچە،
كېچە يىغلاپ مەن كۈتمىگەن تاڭلار قالمىدى.
ئاشىق دىلىم قىينالدى زەپ داۋا تاپالماي،
ھىدىڭ قوغلاپ مەن ئاشمىغان قىرلار قالمىدى.
سېغىنىش ئۇ مۈشكۈل ئىكەن ياندا بولمىساڭ،
ئايغا قاراپ مەن ئېيتمىغان سىرلار قالمىدى.
باغرىمنى تاش ئەيلەي دېدىم كۆنمىدى كۆڭلۈم،
يۈرۈكۈمنى مەن ياقمىغان تاشلار قالمىدى.