
作词 : Muhebbet Memtimin
作曲 : Muhebbet Memtimin
编曲 : Muhebbet Memtimin
سېغىنىشتا يۈرۈپ جانان
تەلبە-يۇ دىۋانە بولدۇم
سۈرىتىڭنى سىزىپ دىلغا
ۋەسلىڭگە خۇمار بولدۇم
ھىجرانىڭدا كۈيۈپ يامان
ئاشىق بىقارار بولدۇم
كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەس
يوقلۇققا بىمار بولدۇم
ۋاي، ئايارەي، دوست ئا يارەي
باغدا گۈل بار ئەي،
ۋاي شېكەر سۆزلۈك جانانىم
كۈن بولدى تۈنمۇ بولدى
ئا ياهۇ-يارەي، ئايارەي،
ئا قەيدە سەندەك ئاي بارەي
شېكەر سۆزلۈك جانانىم،
جانانىم ئەي، ئا يارەي
قارا ماڭا، بىر قارا، يۈرەك سوقار دۇك-دۇك
سېغىنىش ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بولدۇم، يوق، يوق
سېنىڭ ئويلىرىڭ بىلەن ئۆتتى بارلىق ۋاقىت
ماڭا كېرىكى سەن، پەقەت سەن، شۇ ھەقىقەت
كېچىلىرى ئۇخلىماي، ئاسمانغا قارايمەن
يۇلتۇزلاردىن سېنىڭ ئىسمىڭنى سورايمەن
كەلگىن يېنىمغا، بولما مەندىن يىراق
سەن بولمىساڭ بۇ دۇنيا قاراڭغۇ، يوق چىراق
ئا ياهۇ-يارەي، ئايارەي،
ئا قەيدە سەندەك ئاي بارەي
شېكەر سۆزلۈك جانانىم،
جانانىم ئەي، ئا يارەي
ئا ياهۇ-يارەي، ئايارەي،
ئا قەيدە سەندەك ئاي بارەي
شېكەر سۆزلۈك جانانىم،
جانانىم ئەي، ئا يارەي
ۋاي، ئايارەي، دوست ئا يارەي
باغدا گۈل بار ئەي،
ۋاي شېكەر سۆزلۈك جانانىم
كۈن بولدى تۈنمۇ بولدى
ئا ياهۇ-يارەي، ئايارەي،
ئا قەيدە سەندەك ئاي بارەي
شېكەر سۆزلۈك جانانىم،
جانانىم ئەي، ئا يارەي