سەرسان ئۇچقان سارغۇچى يوپۇرماق،
خىياللارغا مېنى ئازدۇرار.
دېرىزىگە كېلىپ تىكىلسەم،
ئۈنسىز دەرەخ تۇرار بىغا بار .
ياش يۈرىكىم شۇنچە قايغۇردى،
كۆڭۈل قۇشۇم كىمگە ئالداندى .
كۆز يامغۇرى تىنماي تۆكۈلەر،
كۆزلىرىڭدىن ئاققان ياشلارمۇ.
پارچە تەرەپ شۇنچە كۆڭۈلسىز،
تېرەكلەرمۇ ئۈمىدسىز ئۈنسىز .
ھەر تەرەپتىن قورشاپ جىسمىمنى،
تەلمۈرۈپ قارار ئۆزۈڭسىز.
بار مەن دىگەن ئۆزۈڭ مەڭگۈلۈك،
ئاسماندىكى تۇمان سۈزۈلۈپ.
ئۆزۈڭ تۇرغاي نامىڭ ئاتالسا،
يۈرۈكۈممۇ تۇرار تەلمۈرۈپ.