
ھەمرايىڭ مەن بار
كۆزلەرىڭدە شۇنچە سېھرىڭ بار گويا
سۆزلەرىڭدە ئەنسىرەشلەر بار يانا
بىر تال نۇر بوپ چۈشتۈم ۋەسلىڭگە قاراپ
ھەمرايىڭ مەن بار ھەمرايىڭ مەن بار
تەنھا قالسا يۈرەگىڭ
ھاياتىڭغا مەن تولاي
ھەسرەتلەرگە تولساڭ گەر
ئېيت يار ئېيت يار
مۇھتاج بولساڭ يورۇققا
شام چىراغىڭ مەن بولاي
كۆڭلۈڭ بىقارار بولسا
ئېيت يار ئېيت يار
كىپىنەك بولۇپ ئۇچۇپ قوناي يېنىڭغا
تەلمۈرۈپ قاناي گۈلگە تولغان ھېدىڭغا
قەلبىڭگە مېھىر بېرىپ تۇرۇپ
تۈن كىچە سېنى كۆرۈپ تۇرۇپ
ھەمرايىڭ مەن بار ھەمرايىڭ مەن بار
ساڭا بولغان چىن ئەقىدەم ئۈزۈلمەس
كۆزلەرىڭدىن تامچە ياشلا تۆكۈلمەس
كەلگىن سۆيگۈم باھارىڭ بوپ گۈل سۇناي
ھەمرايىڭ مەن بار ھەمرايىڭ مەن بار
تەنھا قالسا يۈرەگىڭ
ھاياتىڭغا مەن تولاي
ھەسرەتلەرگە تولساڭ گەر
ئېيت يار ئېيت يار
مۇھتاج بولساڭ يورۇققا
شام چىراغىڭ مەن بولاي
كۆڭلۈڭ بىقارار بولسا
ئېيت يار ئېيت يار
كىپىنەك بولۇپ ئۇچۇپ قوناي يېنىڭغا
تەلمۈرۈپ قاناي گۈلگە تولغان ھېدىڭغا
قەلبىڭگە مېھىر بېرىپ تۇرۇپ
تۈن كىچە سېنى كۆرۈپ تۇرۇپ
ھەمرايىڭ مەن بار ھەمرايىڭ مەن بار