
作词 : Nureli Turgun
作曲 : Nureli Turgun
编曲 : Abdusalam-Abdurxit
ئىسىت بىۋاپا يارغا كۆڭلۈمنى بىرىپ تويدۇم
ئالدىسا بىلىپ بىلمەي كەينىدىن مېڭىپ تويدۇم
شۇ سەۋەپ رەڭگىم سامان ئەھۋالىم ئاندىن يامان
قىينىلار ھەتتاكى جان مۇھەببەتتە ئېزىپ تويدۇم
يوقالسۇن قۇرۇق ۋەدە ئەقىدەم قالدىغۇ يەدە
مەن نادان ئۆزۈمگە ئاز قالسام ھەق ئېغىر غەمدە
باشتا ئويلىماي كۆيگەن جېنىمدىن ئەتىۋا كۆرگەن
كىمدىنمۇ يامانلايمەن دەتتە ئىزىلىپ تويدۇم
كىم كۆرسە بۇ ھالىمنى دەيدۇ دەرت كەپتۇ تالاي
ئىزدىمەڭلا سورماڭلا مەيلى ھىجراندا قالاي
ئۇنتۇلار ئىشقى پىراق دەردىمنى ئۆزۈم ئالاي
كۆڭۈل دەپ غەمگە پېتىپ ئۆزۈمدىنمۇ جىق تويدۇم