
作词 : ilhamjan Muhemmed
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
ئاسماندىكى قوياشنى يۇلۇپ ئالغاندەك،بارچە قايغۇ دۇنياسىغا قۇلۇپ سالغاندەك ،
بۇ ھەقىقەت ، بىلىنمىسۇن سىزگە يالغاندەك.
بىز چىمپىيۇن بولدۇق توپنى توسۇپ قالقاندەك.
بىز چىمپىيۇن چىمپىيۇن لىكىن بۇ ئويون
كەمتەرلىك بوي ئەگدۈرەر ، تەمەننا بويۇن.
بىز چىمپىيۇن ، چىمپىيۇنلۇق ئەمەستۇر تۇرغۇن.
دۇنيادا بىر - بىرىدىن نوچىلار نۇرغۇن
ئەل ۋەتەننىڭ ھىممىتىسىز بۇ پۇرسەت نەدە
تىنىچ ئامانلىق ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇڭلۇق پەدە
بەخىت ئامەت باغلىغان بەل ، تۆكۈلگەن تەردە.
قويماس دەۋىر تەر تۆككەنلەر ئەجرىنى يەردە
بىز چىمپىيۇن چىمپىيۇن پۇتبۇل بىر ئويون
مەيلى شاتلىق مەيلى قايغۇ ئاچقىن كەڭ قويۇن
بىز چىمپىيۇن ، چىمپىيۇنلۇق ئەمەستۇر تۇرغۇن.
دۇنيادا بىر - بىرىدىن نوچىلار نۇرغۇن
好似擒住了天空中的太阳,
又将世间所有忧愁都锁上,
这真相,仿佛对你来说是谎言一样。
我们成了冠军,就像守住了球门一样。
我们是冠军 冠军 但这场比赛
让谦卑者昂首,让傲慢者俯首。
我们是冠军,冠军不是终点,
世上有着无数彼此不同的光点。
若无家国的热血,这机遇从何谈起?
和平、安定、团结是最珍贵的献礼。
幸福系紧了命运之绳,在洒落汗水的土地,
时代不会忘记每一滴汗水的功绩。
我们是冠军 冠军 足球只是一场游戏
无论喜悦或忧伤,都请敞开广阔胸襟
我们是冠军,冠军不是终点,
世上有着无数彼此不同的光点。-