
作词 : Azmat ahmat taran
编曲 : Ali Eminjan/Mardan-Mamat
مەناسىز بۇ كۈنلەر، مەقسەتسىز ئارزۇلار.
يۈرۈكۈمنى ئېزەر سەندىن قالغان داغلار.
نېمىشقا سەن مېنىڭ ئاجىز بۇ سۆيگۈمدىن
كەتكەنسەن سەۋەپسىز.
ياغقان بۇ يامغۇردا،دەردلىرىم يەڭگىللەر.
ئۆزۈمگە ئارام بەرمەي، بىر سېنى ئەسلىتەر.
سەن مەندىن كەچكەن كۈن،قەلبىمگە دەرد يېتەر
ئەسلەپ يەنە.
ياغار بۇ يامغۇر
دەردلىرىمنى بىلگەندەك ياغار بۇ يامغۇر
سەندىن ئايرىلغىنىمغا ئۇ غەم قىلغاندەك
بەلكىم سەن ھەم ھازىر مېنى ئەسلىگەنسەن،يىغلىغانسەن
ياغار يامغۇر
گويا ئارزۇلىرىمىز تۆكۈلەر ئۇنىڭدەك
سەن كەتكەن كۈندە ھەمىشە ياغىدۇ يامغۇر
سېنى ماڭا بەلكىم مېنى ساڭا ئەسلىتىپ
قېينار يامغۇر.
ياغار يامغۇر.
جاۋاپسىز سوئاللار،تىنماي تەكرارلىنار.
نىچۈن بۇ سۆيگۈمىز ھەسرەتكە ئايلىنار.
ھەتتا ئاسمان يىغلار بۇ ھالىمغا قاراپ
نېمىشقا ئۇچراشتۇق،ۋە ئايرىلدۇق نە سەۋەپ؟
بىزلەرنى شۇ يامغۇر ئۇچراشتۇرغان ئاخىر.
ئەمدى ئۇنى بىزدىن خوشلاشتۇرار تەغدىر.
يىگانە قالدۇرار،ئاخىرقى جاۋاپلار
يۈرۈكۈمنى تىلغاندەك ياغار بۇ يامغۇرلار.