
دىمەيلى بولدې
يۈرەكنى ئاغرىتتى باغرى دېگەنلەر.
ئەي كۆڭلۈم دوست يارەن دېمەيلى بولدى.
كۈتكەندەك چىقمىدى يېقىن كۆرگەنلەر.
ئاھ ئۇرۇپ غېمىنى يېمەيلى بولدى.
مۇزىكا
قالمىدى كۆڭلۈمدە كەچۈرگۈدەك جاي.
نە ئۈچۈن بۇلارغا بارىمنى ئاتاي.
توختاي بەس يولۇمدىن مەن ئەمدى توختاي.
ۋاپاسىزلا بىلەن ماڭمايمەن بولدى.
مۇزىكا
مەن ئاياپ كۆڭلىنى بەك يامان بولدۇم.
ئۇلارنىڭ غېمى يوق دەرتكە تۇتۇلدۇم
باغرىمنى يۇمشاق قىپ نەچچە قويۇلدۇم
ئالدامچىلار بىلەن ماڭمايمەن بولدى.
مۇزىكا
سەۋەبلەر يەتمەيدۇ تاشلاپ كېتىشكە.
بەك ئىتتىك يۈز ئۆرۈپ مەندىن كېچىشكە.
كۆزۈممۇ يەتمەيدۇ قايتا ئىشىنىشكە
ئۆزۈمنى ئۇلارغا تاڭمايمەن بولدى.