
作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : Alimjan-imam
ھىجرانلارغا بىۋاپا كۆنۈپ كەتسەم چىدامسەن.
ئوتقا تاشلاپ ئېيتقىنە كۆيۈپ كەتسەم چىدامسەن.
تىلەپ ماڭا تىلەكنى قىلدىڭ زەرداپ يۈرەكنى.
مەنمۇ سەندەك بۆلەكنى سۆيۈپ كەتسەم چىدامسەن.
ياشقا تولدى كۆزلىرىم كار قىلمىدى سۆزلىرىم.
جىمى دەرتنى بىر ئۆزۈم يۈدۈپ كەتسەم چىدامسەن.
يوق سېنىڭدە يول قويۇش پەيلىڭ ماڭا بەك تونۇش.
بىر كۈنلەردە ناتونۇش بولۇپ كەتسەم چىدامسەن.
سۆيدۈڭ ياتنى بىكاردىن قالدىم ئۇيقۇ غىزادىن.
كۆيۈپ كۆيۈپ شام كەبى ئۆچۈپ كەتسەم چىدامسەن.
ئۆتەر ئۆمرۈم ئاھ، ئۇرۇپ قاتتى يۈرىكىڭ تاش بولۇپ.
پەرھات كەبى ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسەم چىدامسەن.