歌词
作词 : Muhtar Bughra
作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : Muradel Abdusalam
چىمپېيون
پۇتبول دىگەنلىك ھىكايە ئەمەس
ئۇچقۇر گىلەمدۇر ياپ-يىشىل چىملىق
ياكى ئاجىزە پەرۋانە ئەمەس
ھەربىر چولپانغا تارقىتار كىملىك
جانغا ئىرىشتۇق جاننى بىغىشلاپ
يەر شارى پۇتبول بۇ دۇنيا ئويۈن
ئۆز ئۆزىمىزنى يەڭسەك قايتىلاپ
دەل ئاشۇ چاغدا بىزلەر چىمپېيون
(قايتۇرما)
ھۇررا جايو ،غەيرەت قىل ئوغلان
ھايات رەڭلىك ئۈمۈدۋار ئارمان
گوۋ گوۋ ئالىي ئالىي بۇرادەر
ئۆتكۈر كۆزلەردە پارلايدۇ ئىمكان
جاسارەتتىن سىرغىغان ھايات
بەك جاراڭلىق تولايدۇ سۈكۈت
مەيدان ئەجدىرھادەك قاقىدۇ قانات
لەرزىگە كىلەر مۇلايىم ئۈمۈد
ئورمانلارنى سۇغارغان جۈپ قول
يەرشارىنى ئايلاندۇرار پۇت
روھىمىزدىن ئۈنگەن تەۋەككۈل
پۇتبول ئۈچۈن تىترەيدۇ ھۇجۇت
(قايتۇرما)
ھۇررا جايو ،غەيرەت قىل ئوغلان
ھايات رەڭلىك ئۈمۈدۋار ئارمان
گوۋ گوۋ ئالىي ئالىي بۇرادەر
ئۆتكۈر كۆزلەردە پارلايدۇ ئىمكان