
作词 : 米兰FM
作曲 : 米兰FM
编曲 : muhammatali-Abduhelil
تىكىستى: ئەنۋەر-مەڭلىك
مۇزىكىسى: ئەنۋەر-مەڭلىك
ئاككورىدلاشتۇرغۇچى:
مۇھەممەت ئەلى ئابدۇخېلىل
ئېغىر تىنىمەن ، كۆزلۈرۈم خىرە
غەرىق مەس بولدۇم، بۇ ئاخشام يەنە
ئېغىر تىنىمەن ، كۆزلۈرۈم خىرە
غەرىق مەس بولدۇم، بۇ ئاخشام يەنە
تۈكىمەن دەردىم ، يۈتىمەن زەھەر
قىلغاچ سۆيگۈنۈم ، يۈرەكنى زىدە
تۈكىمەن دەردىم ، يۈتىمەن زەھەر
قىلغاچ سۆيگۈنۈم ، يۈرەكنى زىدە
music
قايىتتىم قاۋاقتىن ، ھەسرەت ئىچىدە
قالدى ئۈلپەتسىز ، مەي ئىچكەن شىرە
قايىتتىم قاۋاقتىن ، ھەسرەت ئىچىدە
قالدى ئۈلپەتسىز ، مەي ئىچكەن شىرە
سىردىشىم يوقتۇر، يامغۇردىن باشقا
ماڭا ھەمرادۇر ، شۇ كونا كەپە
سىردىشىم يوقتۇر، يامغۇردىن باشقا
ماڭا ھەمرادۇر ، شۇ كونا كەپە
music
دەردىم بولمىسا ، ئىچمەيتىم شاراپ
سۆيگۈنۈم بولسا ، بولمايتىم خاراپ
دەردىم بولمىسا ، ئىچمەيتىم شاراپ
سۆيگۈنۈم بولسا ، بولمايتىم خاراپ
كەلمەيتىم قايتا ، كونا قاۋاققا
دەردىمگە مۇڭداش ، شاراپنى سوراپ
كەلمەيتىم قايتا ، كونا قاۋاققا
دەردىمگە مۇڭداش ، شاراپنى سوراپ
music
مەن بىلەن يىغلار ، يىغلار ئاسمىنىم
ئەمەستۇر ھەرگىز ، كىشىدىن قاچقىنىم
مەن بىلەن يىغلار ، يىغلار ئاسمىنىم
ئەمەستۇر ھەرگىز ، كىشىدىن قاچقىنىم
باغرىمغا باستىم ، دىسەم بەختىمنى
يالغۇزلۇق بولدى ، قۇچاق ئاچقىنى
باغرىمغا باستىم ، دىسەم بەختىمنى
يالغۇزلۇق بولدى ، قۇچاق ئاچقىنى
يالغۇزلۇق بولدى ، قۇچاق ئاچقىنى