
سەگاھ مۇقامى
مۇزىكىسى: خەلق
تېكىستى: خەلق
چوڭ نەغمە
مۇقەددىمە
ئەمەس خىلۋەت نىشىنلەرغە تەماشايى چەمەن ھاجەت،
چۇنانچە بولماغاي ئەھلى فەناغا ئەنجۇمەن ھاجەت.
گىرىفتارى قەددى رەئنايى گۇلگۇنپۇش مەن، ۋاھ-ۋاھ،
كۆڭۈلدە قالمادى بەرگى گۇلى سەرۋى سۇمەن ھاجەت.
بەلا دەشتىندەكى ئاۋارەلەرنىڭ ھالىنى سورماڭ،
كى ئاندا نە گۇلۇ بۇلبۇلۇ نە كوھكەن ھاجەت.
سەھەر ۋاقتى سەبا يەتكۈردى زۇلفۇڭ تارىدىن بۇيى،
مۇئەتتەر ئولدى ئالەم، بولمادى مۇشكى خوتەن ھاجەت.
سوئال ئەيلەپدۇرۇركى يىغلاماقدىن نە غەرەز ئاخىر،
دەدىلەر مۇستافا، دوستۇم، ماڭا ۋەيسى قىرەن جاھەت.
زىلەيخا گۇلشەنىن قىلدى سەمۇمى ئىشق خاكىستەر،
بۇ ياڭلىغ دەمەكىم ئول يۇسۇفى گۇل پىرەھەن ھاجەت.
بۇ مۇشتى ئۇستىخانىمنى ئانىڭ كويىغا تاشلاڭلار،
شەھىدى ئىشقغا تابۇت نە گورۇ نە كەفەن ھاجەت.
روفىقا، بىسەرۇپالارنى سەن ئاغرىتماغىل زىنھار،
ھەبىب ئىشىكىگە بارغاندا، نە سەن ھاجەت، نە مەن ھاجەت.
نەۋائىي، يارنىڭ ئاستانەسىنىڭ توفراغى بولدۇڭ،
ساڭا ئەندى نە سەھۋايۇ نە شەھرۇ نە ۋەتەن ھاجەت.
تەئەززە
كەلگىلكى، مۇشتاق بولمىشەم شىرىن لەبىڭ گۇلقەندىنە،
كەلگىل، لەبىڭ قەندىن ئىلەتگىل ئانلارنىڭ گۇلقەندىنە.
ھەرقايدا كىم شەرھ ئەيلەسەم شىرىن دۇداغىڭ قەندىنى،
روھلار قانۇر تۇتى كەبى ئول لەئلى شەكەر خەندىنە.
شەھلا كۆزۈڭ مەندى كۆڭۈل ئايدىيۇ ئانت ئىچەركى بۇ،
بولسۇن كەفارەت جانۇ دىل ئول گەرچەگىڭ سەۋگەندىنە.
مۇشكىن ساچىڭ بەنددىن مەنى كەسدىيۇ پەيۋەند ئەيلەدى،
تەھسىن ئانىڭ كەسكىنىگە، رەھمەت ئانىڭ پەيۋەندىنە.
زۇلفىلە قاشى قارەدۇر سەرۋى خىرامان دىلبەرنىڭ،
قاشلارىگە قۇربان ئولام، يا تۇررەئى دىل بەندىنە.
ئەي ۋائىز، ئەبسەم ئول، ماڭا تائەتىڭكى پىش ئەيلەمە،
مەن ئاشىق ئولدۇم كىرمەگۈم، ھەر قىسسەخانىنىڭ پەندىنە.
ئەي ئىشقىنى ئىنكار ئەيلەيەن، چۈنۇ چىرايۇ چەندنى قوي،
نەچۈك تۈشەرسەن ئاشىقىڭ چۈنۇ چىرايۇ چەندىنە.
چۈن شەھرىيارنىڭ شەھرىنە بۇ گۈن نەسىمدۇر مەلىك،
بۇيرۇق ئانىڭدۇر، ھۇكم ئانىڭ ھەم شەھرىنە ھەم كەندىنە.
تەئەززە چۈشۈرگىسى
چۈن شەھرىيارنىڭ شەھرىنە بۇ گۈن نەسىمدۇر مەلىك،
بۇيرۇق ئانىڭدۇر، ھۇكم ئانىڭ ھەم شەھرىنە ھەم كەندىنە.
نۇسخە
ماڭا سەن بولماساڭ جان ھاجەت ئەرمەس،
بىھىشتۇ ھۇرۇ رىزۋان ھاجەت ئەمەس.
فىراقىڭدا كۆزۈم ياشى بار ئەركەن،
بەھارۇ ئەبرى نىيسان ھاجەت ئەرمەس.
يۈزۈڭدىن شاملار زۇلفۇڭنى يىغساڭ،
فۇرۇغى ماھى تابان ھاجەت ئەرمەس.
بويۇڭ سەرۋۇ كۆزۈڭ نەگىس، يۈزۈڭ گۇل،
سەنىڭ قاشىڭدا بوستان ھاجەت ئەرمەس.
ئەگەر گەشتى لەبى دەريا قىلۇرسەن،
كۆزۈمگە كەلكى، ئۇمما ھاجەت ئەرمەس.
رەقىب بىرلە مۇساھىب قىلما بىزنى،
قۇتۇرغان ئىتكە سەگبان ھاجەت ئەرمەس.
ئاتايىغە بۇسۇغاڭدىن ئورۇن بەر،
سەرايۇ كاخى ئەيۋان ھاجەت ئەرمەس.
نىگارا، سەنسىزىن مەندىن نە ھاسىل،
ئەگەر جان بولماسا، تەندىن نە ھاسىل.
چۇ گۈلدىن رەنگ ئەمەس بۇلبۇلغا بۇيى،
بەھارۇ باغۇ گۇلشەندىن نە ھاسىل.
جەفايۇ ئىشۋەلەرنى فەن تۇتۇپسەن،
مۇنىڭتەك ئىشۋە پۇرفەندىن نە ھاسىل.
كىشىكىم يوقتۇرۇر مھرى ۋەفاسى،
ئەگەر خۇرشىددۇر ئاندىن نە ھاسىل.
جۇلا
تالى مەجنۇن شاخى ئەگىلدى يار ئەگىلمەيدۇ ماڭا،
يا كەلىپ ئالغىن بۇ جاننى يا كۆڭۈل بەرگىن ماڭا.
يار يىراقتا، مەن فىراقتا، ۋەدە يالغان بولماسۇن،
خەلقى ئالەم بىر بولۇپ، يولدىن چىقارغان بولماسۇن.
«ئەسسالام» دەپ ئۆيگە كىرسەم، ئۆيدە يارىم ئولتۇرۇر،
قاشلارى قىيغان قەلەمدەك، كۆزلەرى ئويناپ تۇرۇر.
كۆرگەلى كەلدىلەرمۇ كۆيدۈرگەلى كەلدىلەرمۇ؟
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى ياندۇرغىلى كەلدىلەرمۇ؟
چوڭ سەلىقە
قىزىل-قىزىل ئالمالارىم ئاقىندا كەتتى،
قىزىل تونلۇق مەنىڭ يارىم ئىلىغا كەتتى.
قاراسام ھىچ كۆرۈنمەيدۇ ئىلىنىڭ تاغى،
مۇنداق يامان بولارمۇدۇر كۆيەكنىڭ داغى.
قارا-قارا كۆرۈنگەنلەر تاغنىڭ دىرەختى،
يارنى يارغا كۆرسەتمەگەن يولنىڭ يىراغى.
يوللار يامان، يوللار يامان، يولنى بىلمەسە،
مان يارىمنى ئىزدەگەننى دۈشمەن بىلمەسە.
سەنەم
ئاي ئالدىدا، گۈن كەينىدە، ھەسرەت ئىچىمدە،
كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى سالدىڭ مەنىڭ ئىچىمگە.
ئاتلارىنى ھايدايدۇركەن مۇز دابان بىلەن،
بىر ياخشىنى قىينايدۇركەن بىر يامان بىلەن.
قارا-قارا قارغالارنىڭ قاناتى بولسام،
ئەگىز-ئەگىز چىنارلارنىڭ شاخىغا قونسام.
جان ئالغۇچى ئەزرائىلنىڭ شاگىردى بولسام،
ئاشىقلارغا قەسد قىلغاننىڭ جانىنى ئالسام.
كىچىك سەلىقە
لەبىڭ يادىدا گۇلگۇن مەي ئىچىپ مەستانە بولمىشمەن،
تەئكىد
دەۋزەخنىڭ ئوتىنى دەيدۇر، كۆيۈكنىڭ ئوتىغا يەتمەس،
سەنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا باشىمدىن غەم تاغى كەتمەس.
قاشىڭ دەيمۇ، كۆزۈڭ دەيمۇ، سىياقىڭ قىلدى مەستانە،
سەنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا يۈرەكىم كۆيدى يىگانە.
ئوقۇيمەن خاجە ھافىزنى، خۇدايىم ئايرىماس بىزنى،
خۇدايىم ئايرىسا بىزنى، ئۇنۇتمايمەن قارا كۆزنى.
داستان
بىرىنچى داستان
نا ئەھلى بىلەن سۇھبەت تۇتما ھەر جايدا،
دۈشمەنلەرگە سىررى ھالىن بىلدۈرۈر...
كۆڭۈلدۈكى سىرنى ئايتما نامەردكە،
دۈشمەنلەرگە سەۋغا-سەلام يەتكۈرۈر.
مۇھەببەتسىز گۇلدىن ياخشىدۇر يافراق،
بىبەھرى گىياھدىن ياخشىدۇر تۇفراق.
بىئەقىل يولداشتىن ياخشىدۇر تاياق،
كور كىشىگە يۈرەر يولىن بىلدۈرۈر.
يامانلارنى قويۇپ بولماس رائيغا،
سەنى سالۇر غەم-غۇسسەنىڭ چاھىغا.
مۇھەببەتنىڭ مېھمانى بارسا ئۆيىغە،
كۈچۈك ئىتتەك قاباب، فىئلىن بىلدۈرۈر.
يۈسۈفبەگ دەر: ئەجەب بولدى زەمانلار،
ئەمدى ساڭا ھەمراھ بولدى مەكانلار.
ئۆز ھالىنى ھەرگىز بىلمەس نادانلار،
بىر ئىش بىلە ھەرنە ھالىن بىلدۈرۈر.
ئىككىنچى داستان
رۇخسارىڭنى كۆرۈپ ئاغدى خەيالىم،
ئەي دىلرەبا، قايدا بولۇر مەكانىڭ؟
پەرىمۇ سەن، بەشەرمۇ سەن نىگارىم،
ئايتغىل، جانا، قايدا بولۇر مەكانىڭ؟
مەنى سورساڭ، شاھ بەرقۇتنىڭ قىزىمەن،
شەمسى بوستان ئەرۇر مەنىڭ مەكانىم.
ھالىم سورساڭ پەرىزادنىڭ قىزىمەن،
ياقىن يەردە يوقتۇر مەنىڭ مەكانىم.
قەمەر شاھ دەر: ھىجرانلىقتا ئۆتەرمەن،
فىراقىڭدا پەرۋانەدەك كۆيەرمەن.
ۋەسلىڭ ئۈچۈن جاننى فىدا ئەتەرمەن،
ئەي دىلرەبا، قايدا سەنىڭ مەكانىڭ؟
شەمسى جانان پەرىلەرنىڭ بىرىمەن،
بىلىپ ئالغىل، كوھى قافنىڭ پىرىمەن.
مەنمۇ سەنى كۆپتىن ئىزلەپ يۈرىمەن،
شەمسى بوستانىدۇر مەنىڭ مەكانىم.
ئۈچىنچى داستان
ئەي يارانلار، مۇسۇلمانلار،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
ئىشق ئوتىدا كۆيدى جانلار،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
كەلۈرمەن دەپ ۋەئدە ئەتتى،
كەلۈر مۇددەتىدىن ئۆتتى.
ئەرتەدە چاشگاھقا يەتتى،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يا بىراۋنىڭ فەندىن ئالدى،
يا بىر يامان دەردكە قالدى.
يار بىر غەيرى بىلە بولدى،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
دەردلىك ئىستەلەر تەبىبىن،
كۆڭلىدە دائىم مەتلەبىن.
سەنەم دەپ يىغلار غەرىبىن،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
گۇل يۇزىنى كۆرگۈم كەلۈر،
بىللەلەشىپ يۈرگۈم كەلۈر.
دائىم دەۋران سۈرگۈم كەلۈر،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
يۈرەك بولدى پارە-پارە،
بۇ دەردلەرگە بارمۇ چارە.
يىغلار غەرىب بۇ بىچارە،
نە بولدى يارىم كەلمەدى.
ئىككىنچى ئاھاڭ
ئوتقا سالغىل سەرۋىنى ئول قەددى مەۋزۇن بولماسا،
يەلگە بەرگىل گۇلنى ئول رۇخسارى گۇلگۇن بولماسا.
سەرسەرى ئاھىم ئەسەر غەم شامى ھىجران تاغىغا،
ياخشىدۇر تاڭ ئاتقۇنچە بۇ تاغ ھامۈن بولماسا.
تەلبەلىكىدىن، ۋاھكى، ھەردەم دەردىم ئەفزۇندۇر مەگەر،
ئول پەرى ئىشقىدا ھەردەم دەردىم ئەفزۇن بولماسا.
گەر كۆڭۈل قەتل ئىستەبان سەن ۋەئدە قىلدىڭ تاڭلا دەپ،
ئۇشبۇ دەم ئۆلتۈر بۇ ئىھسان بىرلە مەمۇن بولماسا.
ئەي نەۋائىي، تانما، گەر دەر ئول پەرى مەجنۇن سەنى،
ئاشىق ئولغايمۇ پەرىغە ئولكى مەجنۇن بولماسا.