
يالغۇز قالغاندا ئەسلەرسەن مېنى
ئۇيقۇ قاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
گۈلنى يارىم دەپ باھاردا بۇلبۇل.
قوشاق قاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
يالغۇز ئۇجىراڭدا باشلىنىپ كېچە,
چىراغ ياققاندا ئەسلەرسەن مېنى.
ئويغانساڭ سەھەر يېنىڭدا مەن يوق.
ھەر تاڭ ئاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
يامغۇر سۆزلىرىم يادىڭدا بولسۇن,
يامغۇر ياغقاندا ئەسلەرسەن مېنى
يامغۇرسۆزلىرىم يادىڭدا بولسۇن
يامغۇرياغقاندا ئەسلەرسەن مىنى .
تاھىر ئاققاندەك ئەزىم دەريادا,
مەنمۇ ئاققاندا ئەسلەرسەن مېنى
تاھىر ئاققاندەك ئەزىم دەريادا
مەنمۇ ئاققاندا ئەسلەرسەنمىنى.
ئىزدەپ تاپالماي مەندىن ياخشىنى,
بېشىڭ قاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
مەندىن ياخشى دەپ سۆيگەن ئاشىقىڭ,
.تاشلاپ قاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.