作词 : Rukiya-Ghujalim
作曲 : Rukiya-Ghujalim
编曲 : Rukiya-Ghujalim
بالا نەسىردىن ئەپەندى
ھەممىگە ھەيران بولىمەن
سوئالىم تۈگىمەس ھەۋەسكە چۆكۈپ
يۇلتۇزدىن قورققاچقا قۇياش كېچىسى
تۇرامدۇ بۇلۇتنىڭ كەينىگە مۆكۈپ
ئېشىكىمگە مىنىپ يول بويى
بارىمەن گۈزەل مەنزىردىن زوق ئېلىپ
توختىمايمەن ئەقىل چارە ئىزدەيمەن
قالسام ناھەق ئىشقا دۇچ كېلىپ
مەن نەسىردىن ئەپەندى
شوخ گەپدان ئەقىللىق
ھەقىقەتنى دىلدىن قوغدايمەن ھامان
مەن نەسىردىن ئەپەندىم
مۈشكۈلگە كۆپ ئامالىم
تولسا دەيمەن خۇشال كۈلكىگە جاھان
بۇ كەڭ جاھان