作词 : PayzullaWoxur
作曲 : Yusup Sahra
编曲 : Abliz-Mamat
بىر يارىم بولسۇن
چىن مۇھاببەتنى قەدىرلەش كېرەك،
بەرگەن ۋەدىلەر يالغان بولمىسۇن.
ئۆزى ئاقكۆڭۈل بىللە ئۆتكىدەك،
مەڭگۈگە مېنىڭ بىر يارىم بولسۇن.
音乐
مەن ئۈچۈن سۆيگۈ مەڭگۈ مۇقەددەس،
ئوينايدىغانغا ئۇيۇنچۇق ئەمەس،
قۇلۇمنى تۇتۇپ يېنىمدىن كەتمەس،
شۇنداق مىھىرلىك بىر يارىم بولسۇن.
مۇزىكا
قەدرىنى قىلىسام قەدىرلىگۈدەك،
قىلغانلىرىمنى بىلەلىگۈدەك،
سىزگە ھەرۋاقىت مەن بار دىگۈدەك،
چىن ساداقەتلىك بىر يارىم بولسۇن.
ئايرىلىپ كەتمەي قېرىپ كەتكۈچە،
بىرگە ياشىساق ئۆمۈر يەتكۈچە،
تىلىكىم شۇدۇر كۈندۈز ھەم كېچە،
ماڭا ئۆمۈرلۈك بىر يارىم بولسۇن.