作曲 : Abduzayir-Namayan
编曲 : Turghunjan Tursun
كۆرمەسلىكنى مېنى نەچچە كۈن،
تۇيۇقسىزلا قىپ قاپسەن خىيال.
شۇنداق قىلساڭ قېتىقىڭ ئۇيۇپ،
ئايىغىڭدىن ئۆتەرمۇ شامال .
ئارزۇيىمىز بىر ئىدى ئەي يار،
ئارزۇلاردىن كەچمەيمەن زىنھار.
شۇنچىلىكمۇ ئارزۇ يولىمىز ،
سەن ھەممىگە بىر سەن ھەي قارار .
ساڭا ئەمەس ئەقىدەمگىلا ،
بوي ئەگدىممەن زىنھارـزىنھار .
تاتلىق ئىدى سۈيۈملۈك ئارزۇ ،
يولۇڭ ئايرىم بولدى يوشۇرما .
يىراقلاشساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ،
ئارزۇيىمدىن يىراقلاشتۇرما .