
作词 : Ablimit-Abdueziz
编曲 : Alimjan-imam
ئەزىز كۆرۈپ سۆيگەن جېنىمدىن
كەتمەيدۇ دەپ بىلگەن يېنىمدىن
ئەزىز كۆرۈپ سۆيگەن جېنىمدىن
كەتمەيدۇ دەپ بىلگەن يېنىمدىن
كېتىپ قالدىڭ سەن ياتلار بىلەن
قىلغانلىرىڭ ئۆتتى جېنىمدىن
كېتىپ قالدىڭ سەن ياتلار بىلەن
قىلغانلىرىڭ ئۆتتى جېنىمدىن
سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن خاتا
چىن سۆيگۈمگە سالدىڭغۇ جاپا
سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن خاتا
چىن سۆيگۈمگە سالدىڭغۇ جاپا
ماڭا ھەمراھ بولدىغۇ ئازاپ
ئەقىدەمگە قىلمىدىڭ ۋاپا
ماڭا ھەمراھ بولدىغۇ ئازاپ
ئەقىدەمگە قىلمىدىڭ ۋاپا
مۇزىكا
مۇھاببەتنى چاغلىدىڭ ئۇيۇن
يات ئالدىدا قىستۇردۇڭ بۇيۇن
مۇھاببەتنى چاغلىدىڭ ئۇيۇن
يات ئالدىدا قىستۇردۇڭ بۇيۇن
بىلمەپتىمەن ئەسلى سىرىڭنى
ئالداپ كەپسەن مىنى يوشۇرۇن
بىلمەپتىمەن ئەسلى سىرىڭنى
ئالداپ كەپسەن مىنى يوشۇرۇن
قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە يانسا
سۆيگەن يارىڭ سىنىڭدىن تانسا
قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە يانسا
سۆيگەن يارىڭ سىنىڭدىن تانسا
مىنى ئەسلەپ قالار سەن بىر كۈن
شۇ قىلغىنىڭ يادىڭدا بولسا
مىنى ئەسلەپ قالار سەن بىر كۈن
شۇ قىلغىنىڭ يادىڭدا بولسا
شۇ قىلغىنىڭ يادىڭدا بولسا