
制作人 : Bilal Enwer
作曲 : Bilal Enwer
تامچىلار تاشلايدۇ ئاسماندىن بۇلۇت
دىگەندەك دۇنياغا ئاپتاپنى ئۇنۇت
دىللاردا بار لىكىن ئالەمچە بىر ئوت
بۇ يامغۇر كىملەرگە كىمنى ئەسلىتەر
بىرلىرى ياندىشىپ ماڭىدۇ يولدا
چىڭ سىقىپ مىھىرلىك قولىنى قولدا
نەپرەتلىك يىغلايدۇ بىرى ئۇدۇلدا
بۇ يامغۇر كىملەرگە كىمنى ئەسلىتەر
قايغۇلۇق كۆزىدە دۇنيانى كۆرگەن
بىرلىرى باغچىدا يىگانە يۈرگەن
كۆڭلىنى ئىزدەيدۇ كۆڭۈل ئۆلتۈرگەن
بۇ يامغۇر كىملەرگە كىمنى ئەسلىتەر
ياش كەلدى كۆزۈمگە پىغانىم ئۆرلەپ
ياغ قېنى دىگەندەك ھاۋا گۈلدۈرلەپ
يۇيۇلسۇن ھەركىمنىڭ قەلبى بىربىرلەپ
بۇ يامغۇر كىملەرگە كىمنى ئەسلىتەر
苍穹之上云朵低垂
人世之间阳光暂隐 恍若被遗忘了温暖
众口传颂着你的名那是我心中灼痛的火焰
这场雨在为谁飘落 又让谁思念萦怀
一人燃起爱火漫步路上
深情紧握爱人的手在掌中
有人痴望却在对面失落
这场雨在为谁飘落 又让谁思念萦怀
用那忧愁的双眼 凝视整个世界
有人独自哭泣在荒芜园中漫步
心灵寻觅慰藉却只得黯然独坐 这场雨在为谁飘落 又让谁思念萦怀
泪水倏然模糊了视线
暴雨倾盆世界在雨幕中模糊又重生
多渴望每一颗蒙尘的心都能被浸染 这场雨在为谁飘落 又让谁思念萦怀