
作词 : Jevvlan
作曲 : Jevvlan
编曲 : Jevvlan
لاغايلاپ مەلىدە مانا مەن ئەڭ باكا
ئالما قېقىپ باغدا پادا بېقىپ تاغدا
لاغايلاپ كوچىدا مانا مەن ئەڭ باكا
گۇڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرۇپ دۇقمۇشتكى سايدا
لاغايلاپ كوچىدا مانا مەن ئەڭ باكا
4~5 گۇينى قوقۇتۇپ بولىۋالدىم لاۋدا
لاغايلاپ كوچىدا مانا مەن ئەڭ باكا
مەن ئەزەپدىن ماشتا كا قىلمايدۇ دورا
ماندا دىسەم چاق-چاق دەپ قالماڭلا راستىنى دەي
راس گەپ قىلسام بۇ ئۇزۇن گەپ ماندالا دەي
ئۆيدە بار بېسادىم 2 يەشۈك vcd دەي
ئېچىڭ پۇشسا بىزنىڭلىگە كەلگىن سادىغانكىتەي
كۈندە باكا دىسەم ئېشى يوقكەن دەپ قالماڭلا
چاچتىن تولا ئېشىم چېچى يوقلار ۋاقاماڭلا
مېنى قالايمىقان سورۇنلارغا چاقاماڭلا
كۈندە باكا ۋاقىت يېتىشمەيدۇ خاپۇماڭلا
شۇڭا ئاغىنەمنىڭ تايىنى يوق ئۆزەم يالغۇز
ئاغىنەمنىڭ ھەممىسى تەبىئەتتە قۇرۇت-قوڭغۇز
ۋاقتىڭلا يوق يۇرىسىلەر باش كۆتىرەلمەي خىزمەتتىن
چۇنكى ۋاقىتنىڭ ھەممىنى مانا مەن ئېسراپ قىلىۋەتتىم