作词 : Muhtar Bughra
作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : Abdusami Arkin
ئۈمۈد ئۈزمە
بارغىن ئەينەك ئالدىغا
بارغىن يۈرەك ئالدىغا
ئۇزاپ كەتكەن ئاشۇ قىز
بەلكىم ئالار يادىغا
قان قاچقاندا يۈزۈڭدىن
يار ئۆچكەندە كۆزۈڭدىن
ئۈمۈد بولۇپ ئۈنىدۇ
يالغۇز گىياھ ئېزىڭدىن
كەتمىگەندە ئۇ تاشلاپ
كەپ قالىدۇ نۇر باشلاپ
ئىككى قولى دولقۇندەك
قۇچاقلايدۇ باخاشلاپ
ئۈمۈد ئۈزمە يارىڭدىن
ئايرىلمايسەن بارىڭدىن