
作词 : Dilxat Alim
作曲 : Dilxat Alim/原点FM
编曲 : Parat Eziz
ئەمەستىم ئەسلىدە بۇنچىلىك غەمكىن,
ئۆتەتتى كۈنلىرىم خوشال ھەم ئەركىن,
كۆيۈپ مەن يار ساڭا غەملەرگە تولدۇم,
قەلبىڭدە بارمۇ مەن تېز جاۋاپ بەرگىن,
كۆيۈپ مەن يار ساڭا غەملەرگە تولدۇم,
قەلبىڭدە بارمۇ مەن تېز جاۋاپ بەرگىن,
سۆيگۈڭگە ئېرىشىش شۇنچە تەسمۇ يار,
ۋەسلىڭگە يەتمەككە بولدۇم ئىنتىزار,
سۆيگۈڭگە ئېرىشىش شۇنچە تەسمۇ يار,
ۋەسلىڭگە يەتمەككە بولدۇم ئىنتىزار,
چىن دىلدىن سۆيىمەن ئىشەن ئامرىقىم,
بۇ ئاشىق قەلبىمنى قىلما بۇنچە خار,
چىن دىلدىن سۆيىمەن ئىشەن ئامرىقىم,
بۇ ئاشىق قەلبىمنى قىلما بۇنچە خار,
بىر ساڭا كۆيدۈم يوقتۇر پۇشايمان,
سۆيدۈم سېنى مەڭگۈگە ھامان,
بىر ساڭا كۆيدۈم يوقتۇر پۇشايمان,
سۆيدۈم سېنى مەڭگۈگە ھامان,
ئۇنۇتما بىر سېنى سۆيگەن بۇ يۈرەك,
تەلپۈنەر ھەر دائىم يارىم سەن تامان,
ئۇنۇتما بىر سېنى سۆيگەن بۇ يۈرەك,
تەلپۈنەر ھەر دائىم يارىم سەن تامان,
تەلپۈنەر ھەر دائىم يارىم سەن تامان。