
Tolun Ay
歌手:ADR艾达尔
词曲:ADR艾达尔
كۈندۈزى يورۇق قۇياش كېچىدە بىر تولۇن ئاي
سوغۇق شامال پۈۋلەيدۇ يۈزۈمنى ئارام قويماي
سىزگە بولدى سېغىنىش مىھرى ئاتەش ئانا
ھەيدەر ئەركەك بولدى تەلەپلىرىڭىزنى بىر ئورۇنداي
تاشلاپ كىتىپ قالدىم ئارزۇ ۋە ئارمان ئۈچۈن
تۆت پەسىل ھەمراھ بولغۇمبا بىراق يەتمەيدۇ كۈچۈم
ئەتكەنچاينىڭ ھىدى كەتمىدى ھەم يادىمدىبا
ئەمما سىزيوق ھەتتا نانمۇ ماڭا تېتىيدۇ چۈچۈم
كۈندىلىك غېمىڭىز مەن قورسىقى ئاچقانمىدۇ
يوتقىنى قېلىنمىدۇ كېچىدە قار باسقانمىدۇ
ئاق قارنى پەرق ئەتمەي يامان يولدا ئازغانمىدۇ
دەرستە يېتىشتىمۇ تەكرارسىنى يازغانمىدۇ
سىزنىڭ ھەربىر ئاۋاز ئۈنىڭىزدە قىسمىم با
قىلغان ھەربىر جۈملە سۆزىڭىزدا ئىسمىم با
ئارزۇ ئارمان ئۇلۇغ تىلەكلەرنى باغلىغان
شۇڭا ئۇرغۇيدۇ كۈچ قۇدرەت مېنىڭ جىسمىمدا
رەھمەت ئانا پەرۋىشلەپ ئەتتىڭىز 20يىلى
دادام دەيدۇ غورۇر بىلەن ياشا ئىگىلمىگىن
بۇۇدۇنيا باقىۋەندى ئەمەس ئارتۇق تىكىلمىگىن
شۇڭا ھەرۋاق يادىمدا ئىرادەم كىمكىملىكىم
جىق قايغۇ ھەسرەت سالدى بىراۋلانىڭ يامان سۆزى
ئىچىمدىن قان ئاقتۇردى ھەسەت بىلەن تولغان كۆزى
بوپتۇ سەۋىر قىلدىم ئۆتۈپ كىتەر بۇ كۈنلەرمۇ
غېربسىنمايمە ھەمراھتۇر رەھمەتلىك ئۇكامنىڭ يۈزى
مۈرەمگە ئاتىغلىق بىر جانبا شۇڭا مەيلى بۈگۈن
بۈگۈنمۇ ئۆتۈپ قالار ھامان شۇڭا خەيىر دېدىم
كۆزۈمدە ياش ئىچىمدە قان بىراق مەن توختىمىدىم
يۈرەكتە سادا دەيدۇ غەيرەت ئاكا تېزراق يۈگۈر
ئۆتۈپكەتكىن بىراۋ سۆز چۆچەكنىڭ ئالدىغا
بىز بىللە ئىنتىلغان شۇ گۈزەل كۈنلەر ئالدىدا
شۇ گۈزەللىكتە بار بىر بەخىت قۇشى پارقىرايدۇ
قانات قېقىپ پەرۋازقىلسۇن ھەر گىز يانما ئارقىغا
رەھمەت دادا سىزگە دەردىمنى بىر تۆكىۋالاي
مېھرى ئاتەش ئانامنىڭ باغرىغا چۆكىۋالاي
تىلەك تىلەيمە تەڭرىگە ئامان ئېسەن بولۇڭ
چۈشۈمگە سالسۇن ئۇكامنى يۈزىگە سۆيۈۋالاي
ئا ئىلەم بەختىم بارلىقىم ئۇ مېنىڭ دۇنيارىم
قېىرىنداش مەڭگۈ ھەدىلىرىم گۈزەل ئۇنۋانىم
بۇ سۆيگۈ سەۋەپلىك ھېچ يوقتۇ ئاھۇ پەريادىم
بۇ مېھىر بېسىپ چۈشەر نى قۇملۇق نى دەريادىن