作词 : Muhtar Bughra
编曲 : EmRan-BaTur
بەڭۋاش يۈرۈكۈم
بەڭۋاش يۈرۈكۈم بويسۇنماس ماڭا
گۈلنى ئۈزىدۇ ئۆزىلا خالاپ
گۈل بەرگىلىرى ئۇچۇدۇ ھەريان
كۈچلۈك بوراندەك يۈرمەس ئاۋايلاپ
(قايتۇرما)
بەڭۋاش يۈرۈكۈم،بەڭۋاش يۈرۈكۈم
ساقلاپ قالار سادىقلىقنى
بەڭۋاش يۈركۈم بويتاق ئۆردەكنى
قوغلاپ يۈرۈيدۇ كۆلدىن بۇ كۆلگە
يا كەپ قالدىمۇ ئۆردەك بولغۇسى
تىپچەكلەر سىغماي كۆكرەك كۆڭۈلگە
بەڭۋاش يۈركۈم يىراققا باقتى
ياۋا قۇشلاردەك ئاتلاپ بوسۇغا
بەڭۋاش بولسىمۇ ئۆز نىگارىغا
ئاللىقاياقتىن ئەكىلەر سوۋغا