
كېچە ـ كېچە
ئەزىمەت ئەخمەت تاران
سېغىندۇرۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئازارىڭدا،
قېينالدىم بولالماستىن يانىڭدا.
بىلمىدىڭ سۆيۈلسەڭمۇ يۈرەكتىن
ياشىدىم سۆيگۈڭنىڭ ئارمانىدا.
كۆزلىرىڭگە كۆزۈم تويماي،
ۋىسالىڭغا يېتىپ بولماي،
يۈرۈكۈڭنى قويۇپ باق زارىمغا.
كېچە ـ كېچە كۆيگەن جامالىڭىز.
كېچە ـ كېچە كۈتكەن سالامىڭىز.
سۆيگۈڭىزدە شۇنچىلىك كۆيۈپ تۇرسام
بېرەرگە يوقمۇ ھىچ بىر جاۋابىڭىز.
كېچە ـ كېچە كۆيگەن جامالىڭىز.
كېچە ـ كېچە كۈتكەن سالامىڭىز.
سۆيگۈڭىزدە شۇنچىلىك كۆيۈپ تۇرسام
تولا ئىكەن قېينارغا ئامالىڭىز.
سېغىندۇرۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئازارىڭدا،
قېينالدىم بولالماستىن يانىڭدا.
بىلمىدىڭ سۆيۈلسەڭمۇ يۈرەكتىن
ياشىدىم سۆيگۈڭنىڭ ئارمانىدا.