ئۆلۈپتۇ دەڭلا
ھەسەنجان بەكرى ئۆركەش
يانى كۈيلەپ ئىيتسام گەرناخشا،
ئاشىق سەۋدا بولۇپتۇ دەڭلا.
گاھ ھەسرەتتە ياشلانساكۆزۈم،
يۈرەككە دەرت تولۇپتۇ دەڭلا.
ئېزدەپ يۈرسەم بەخىت گۈلىنى،
سەۋدائاشىق ئۈمۈتتە دەڭلا.
جىمىپ قالسام ئەگەربىركۈنى،
يىگانەقۇش سۈكۈتتە دەڭلا.
كۈلەلىسەم يۈرەكىتىن بىررەت،
ئاڭائامەت قونۇپتۇ دەڭلا.
قالسام چەتتە مۇڭسىراپ يالغۇز،
يۈرەك باغرى سۇنۇپتۇ دەڭلا.
ھەسىرەت بىلەن ئېيتقانداناخشا،
يېغلاپ تۇرۇپ كۈلۈپتۇ دەڭلا.
يوقاپ كەتسەم ئەگەر تۇيۇقسىز،
سورىغانغا ئۆلۈپتۇ دەڭلا.