作词 : Dlisa
作曲 : Muhebbet Memtimin/Dlisa/小凡
编曲 : Muhebbet Memtimin
ئويلاپ تاڭ ئاتقاندا سىنى
مەھلىيا قىلغان كۆزلىرىڭنى
سىنى سۆيىمەن يۈرۈكىمدە
بار ئارمان مۇھەببىتىمدە
تەلمۈرىمەن ھەركۈن ساڭا
باغلار خىياللىرىم مىنى ساڭا
باققاندا باققاندا،باققاندا باققاندا
سەن كۆزلىرىمگە دىلىم بەختكە تولار
ئاشىقمەن ساڭا شۇنچە
سۆيگۈ تىلەك قالبىمدە يانار
چۈشلىرىمدە كۆرىمەن كۆرىمەن سىنى يار
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن كۆزلەر ئېيتالمايدۇ يالغاننى
قايرىلمايمۇ ھىس قىلىدۇ تەلمۈرۈپ زار باققاننى
ئاچچىق تاتلىق ئىسسىق سوغوق مۇھابەتنىڭ شەيداسى
يۈرۈكۈمدە سەنلا بار دەپ ياڭرالامدۇ ساداسى
سۆيمەك ئاسان كۆيمەك قىيىن سېغىنىش چېكى يەتكەندە
پۇچۇلناتتى يۈرەك تارىم تىنىق سۆزلەر تىتىرگەندە
ئازاپ ئوتىغا تاشلايتتى ياندا يوقلىقىڭ بىلىنگەندە
خىياللىرىم ماڭا ھەمرا دەرتكە تولغان كىچىلەردە
كۆز ئالدىمدىن كەچكەن ھەر كۈنۈم مەن ئۈچۈن سىناق
خىياللىرىم سەن بىلەن تولغان ھەر تۈنىم تەڭ ئويغاق
سەۋدالىققا تولغان تۇرمۇشۇم ئۆتتى قايناق
دۇنيالىقتىكى بەختىم سەن شۇنداق
سەن مەن دىمە بەخىتنىڭ مەناسى بىز
كەل كەت دىمە ئۆتەلمەيمەن سەنسىز
چۈشلىرىمدە كۈلكەڭ جىلۋىلايدۇ سانسىز
بىلسەڭ سەن يوق ھايات مەن ئۈچۈن رەڭسىز
ئويلاپ تاڭ ئاتقاندا سىنى
مەھلىيا قىلغان كۆزلىرىڭنى
سىنى سۆيىمەن يۈرۈكىمدە
بار ئارمان مۇھەببىتىمدە
تەلمۈرىمەن ھەركۈن ساڭا
باغلار خىياللىرىم مىنى ساڭا
باققاندا باققاندا،باققاندا باققاندا
سەن كۆزلىرىمگە دىلىم بەختكە تولار
ئاشىقمەن ساڭا شۇنچە
سۆيگۈ تىلەك قالبىمدە يانار
چۈشلىرىمدە كۆرىمەن كۆرىمەن سىنى يار
