作词 : Nurmamat Mijit
作曲 : Nurmamat Mijit
编曲 : Nurmamat Mijit
ئەستە تۇت.
كۆيسەم ساڭا يۈرەكتىن مېنى ئالدىدىڭ.
ساڭا ئاشىق بۇ يۈرەكنى خارلىدىڭ.
مەن تۇرۇپ يېنىڭدا ياتنى
تاللىدىڭ.
ئۆزگىلەرگە ئويۇن قويۇپ قەستەن قىلدىڭ
مەيلى ئۆزگىلەر بىلەن بەختلىك بولساڭ
مېنى كۆزگە ئىلماي كۈلۈپ قويساڭ.
ئۆزگىلەرنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقساڭ.
خارلىنىسەن ئەستە تۇت ئۆزۈڭگە قىلدىڭ.
غۇنچە گۈلۈڭ سۇلغاندا چاچمايدۇ پۇراق.
زارىم بىلەن سۆيگىدىن تۆكۈلسە ياپراق.
قىينىيالماس مېنى ئەمدى سېنىڭ سىز پىراق
كەتتىم يىراق ئامان بول، بەختىڭگە قىلدىڭ.