
作词 : Muhtar Bughra
بولۇرمۇ
بىر باقساڭ دۆلىتىڭ كام بولۇرمۇ
ياشىمغا كۆزلىرىڭ جام بولۇرمۇ؟
تىنمىدىم ئۇزاق،تىۋىندىم بىراق
تاۋلىساڭ چىن ئىشقىم خام بولۇرمۇ؟
گۈزەل ئەپتىڭدىن،قۇياش تەپتىڭدىن
ئىرىسەم بۇ جىسمىم شام بولۇرمۇ؟
سەن بىغەم ئەسلا،مەن بولسام رەسۋا
ئەھلى مەھلىگە دام-دام بولۇرمۇ؟
پەقەت سەن ياراپ،كۆڭلۈم ئىزتىراپ
ئاشىقلىق ماڭىلا نام بولۇرمۇ؟
ساڭا تويمىسام،بىر تەن ئويلىسام
جان ئارا،روھ ئارا تام بولۇرمۇ؟
ئېزىڭنى ئۆپتۈم،ۋىسالنى كۈتتۈم
ماڭا ھەق-شەيدالىق رام بولۇرمۇ؟