作词 : Ali- BAG
作曲 : Ali- BAG
编曲 : Ali- BAG
بولمىغاندەك دۇنيادىن رازى
تۇغۇلۇپلا ئەجەب يىغلىغان
كۆزلىرىمدىن ھىچبىر توختىماي
مارجان بولۇپ تۆكۈلگەن ياشلار
كۆز يېشىمغا چىدىماي ئانا
باسقىنىدا باغرىغا مىنى
شاتلانغان مەن ئانا مىھرىدىن
تۇنجى قېتىم ئىللىقلىقىدىن
گۈدەكلىكتە شۇنچە بەڭۋاش ئىدىم
قاقشاتقانتىم گەپ يىمەي زادى
ياخشى يامان كۈنلەردە ئانا
ئەجىر قىلىپ باققانتىڭ مىنى