
ساختىلار
ئابروي تىپىپ يۈزىن ئۆرگەنلەر
يالغان ياشاپ يالغان كۈلگەنلەر
ماڭا ئۆلۈم تىلەپ يۈرگەنكەر
سىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭلار
ئەي ئادەملەر ئەي يارانلەر
يالغانلاردىن چارچىدىممەن
ئەي يىقىنلار ئەي ساختىلار
سۆزلىرىدىن چارچىدىم
ياخشلارنىڭ يولىدا داۋان
ناچار ئىنسان ھەرجايدا ئامان
قىززىق ئىكەن بۇدۇنيا ئەجەپ
يالغانچىنىڭ يوللىرى راۋان
ئەي ئادەملەر ئەي يارانلەر
يالغانلاردىن چارچىدىممەن
ئەي يىقىنلار ئەي ساختىلار
سۆزلىرىدىن چارچىدىم
كۈيلىرىمدىن خاپا بولماڭلار
ھەققىقەتنى سۆزلەپ قويدۇمدە
كىمگە راستۇر كىمگىدۇر يالغان
يالغانچىنى بەزلەپ قويدۇمدە
ئاخىر ئۆزى بەشكۈنلۈك دۇنيا
ھەممىسىنى تاشلاپ كىتىمىز
توختىغاندا ئاخىرقى نەپەس
جۈپ كۆزلەرنى ياشلاپ كىتىمىز
ئەي ئادەملەر ئەي يارانلەر
يالغانلاردىن چارچىدىممەن
ئەي يىقىنلار ئەي ساختىلار
سۆزلىرىدىن چارچىدىم