作词 : Mayira Mahmut
作曲 : Mayira Mahmut
ئاتۇش خەلق چاتما ناخشىلىرى
ماھىرە مەھمۇت ۋە راھىلە مەھمۇت
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:پەرھات غېنى
تەرجىمان:ئەلقۇتجان ياسىن
---
قىزىل گۈلنى دېمىسەم غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق،
سەن يارىمنى دېمىسەم بۇ شەھرىڭدە يۈرگۈم يوق.
كاۋاپ يەڭلا كەلسىلە مېھمان سەپكەنلىرىم دورا دەرمان،
كاۋابىمنىڭ گۆشىدۇر پاقلان ئولتۇرسىلا سالاي ئورۇن جاي.
دەملەپ بېرەي چېنىگە سىن چاي.
سېنى دېدىم كەچتىم بۇ جاندىن ،
سېنى ئېزلەپ تاپالماي ھېچقانداق جايدىن.
يۈرەك باغرىم پارە-پارە كۆز ياشىم ئاندىن.
ئاھ دەيمەم يانا دەيمەن يارىم دىلرەبا دەيمەن.
سەن ئەگەر كەلسەڭ يارىم مەرھابا دەيمەن.
ھاۋادا بۇلۇت دەريادا تۇمان
سەن يارىمنى تارتاي دىسەم يەتمەيدۇ قولۇم.
ئەكەل!بەرگىن قولۇڭنى تارتىۋالاي كۆڭلۈمنى.
ياخشى بىلەن دوست بولغىن قاچقىن ياماندىن.